settings icon
share icon
سۇئال

مەن ئەيسانى قوبۇل قىلدىم.... ئەمدىلىكتە نىمە قىلىشىم كېرەك؟

جاۋابى


مۇبارەك بولسۇن! سىز ھاياتىڭىزنى ئۆزگەرتىدىغان قارار چىغاردىڭىز ! بەلكىم سىز " ئەمدى قانداق قىلىشىم كېرەك؟ خۇداغا بولغان سېغىنىشىىمنى قانداق باشلايمەن؟"دەپ سورىشىڭىز مۈمكىن تۆۋەندىكى 5 تۈرلۈك مەسلىھەت سىزگە ئىنجىلدىن بېرىلگەندۇر. ئەگەر سورىماقچى بولغان سۇئاللىرىڭىز بولدا تور بېتىمىز: www.GotQuestions.org/Uyghur نى زىيارەت قىلىڭ

1. خۇدانىڭ قۇتقازغۇچى ئىكەنلىگىنى ياخشى چۈشۈنىڭ

(ئا) بىز ھەممىمىز گۇناھكارمىز، بىز خۇدانىڭ ئىرادىسىغا خىلاپ ئىشلارنى قىلغانمىز (رىملىقلار 3:23).

(ب) ىىز ئۆزىمىزنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈن خۇدادىن مەڭگۈ ئايرىلىۋېتىلىشتەك جازاغا لايىقمىز (رىملىقلار 6:23)

(س ) ئەيسا كىرىستقا مىقلىنىپ بىزنىڭ ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن بەدەل تۆلىدى ( رىملىقلار 5:8؛ كورىنتلىقلارنىڭ 2- سى 5:21). ئۇ بىز ئۈچۈن، بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز بەدىلىگە شېھىت بولدى ئەيسانىڭ قايتا تىرىلىشى ئۇنىڭ بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن تېگىشلىك بەدەل تۆلىگەنلىگىنى كۆرسىتىدۇ

(د)خۇدا ئەيساغا، ئەيسانىڭ بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن بەدەل تولىگەنلىگىگە ئىشەنگەنلەرنى كەچۈرۈم قىلىدۇ ۋە ئۇلارنى قۇتقۇزىدۇ(يوھاننا 3:16؛ رىملىقلار 5:1؛ رىملىقلار 8:1).

مانا بۇ قۇتقازغۇچىنىڭ بىزگە بەرگەن ئۇچۇرلىرىدۇر! ئەگەر بىز ئەيسانىڭ قۇتقازغۇچى ئىكەنلىگىگە ئىشەنسەك بىز قۇتقۇزىلىنىۋېلىمىز، بىزنىڭ ھەممە گۇناھلىرىمىز كەچۈرۈم قىلىنىدۇ شۇنداقلا خۇدا بىز بىلەن مەڭگۈ بىرگە بولىدۇ. ئىسىمىزدە بولسۇنكى بىز پەقەت ئەيسا ئارقىلىقلا قۇتقۇزۇلىمىز ( يوھاننا 29-28: 10 ). ئەگەر بىز ئەيساغىلا بىزنىڭ قۇتقازغۇچىمىز سۈپىتىدە ئىشەنسەك بىز جەھەننەمدە خۇدا بىلەن مەڭگۇ بىلەن بولالايمىز.

2. ئىنجىل ئۈگۈتىدىغان ياخشى بىر چېركوۋنى تېپىش كېرەك.

چېركوۋ دىگىنىمىز چېركوۋ بىناسىنى كۆرسەتمەيدۇ، چېركوۋ دىگەنلىك خەلىق دىگەنلىكتۇر. ئەيساغا ئەگەشكۈچىلەرنىڭ ئۇتتۇرىسىدىكى دوستلۇق ناھايىتى مۇھىمدۇر مانا بۇ چېركوۋنىڭ ئاساسلىق مەخسىتىدۇر. بىز ئەيساغا ئىشەنگەن ئىكەنمىز ئەتراپىمىزدىكى ئىنجىلنى ئاسان قىلغان بىرەر چېركوۋنى تېپىپ ئۇنىڭ پوپى بىلەن سۆزلىشىمىز، پوپقا ئۆزىمىزنىڭ ئەيساغا بولغان يېڭى ئېتىقاتىمىزنى بىلدۈرىشىمىز كېرەك.

چېركوۋ قىلىدىغان يەنە بىر ئىش ئىنجىل ئۈگۈتىشتۇر.بىز ئۇنىڭدىن خۇدانىڭ يول-يورۇقلىرىنى تۇرمۇشىمىزغا قانداق باغلاپ ئىشلىتىشنى ئۈگۈنىمىز، مۇۋاپىقىيەتلىك ۋە قۇدرەتلىك خىرىستىيانچە ھاياتتا ئىنجىلنى چۈشۈنىش ئاچقۇچلۇقتۇر. تىموتىنىڭ 2-چىسىنىڭ 17- 3:16

دە" خۇدانىڭ ئىخلاسمەنلىك توغرىسىدىكى ھەرقانداق يازمىسىنى ئۈگۈنىشكە ئەرزىيدۇ شۇڭلاشقىمۇ خۇدانىڭ ئەلچىسى ئۆ ز خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ" دەپ يېزىلغان

چېركاۋنىڭ ئۈچىنچى بىر ۋەزىپىسى ئىبادەت قىلىشتۇر. ئىبادەت قىلىش خۇدانىڭ بىزگە قىلغانلىرىغا رەخمەت ئېتىشتۇر. خۇدا بىزنى قۇتقۇزدى، خۇدا بىزنى سۆيىدۇ، خۇدا بىزگە ھەممە نەرسىنى تەمىنلەيدۇ، بىزنى يېتەكلەيدۇ ۋە باشلاپ ماڭىدۇ ئۇنداق بولغان ئىكەن بىز خۇداغا ئۆزىمىزنىڭ تەشەككۈرىنى بىلدۈرمەي تۇرالامدۇق؟ خۇدا ئۇلۇغدۇر، مېھرىبان، شەپقەتلىكتۇر. ۋەھى 4:11 دە مۇنداق دىيىلگەن: " ئېھ خۇدا، پۈتۈن شانۇ-شەرەپ، مىھرىبانلىق ۋە كۈچ-قۇدرەت ساڭا ۋە سەن ياراتقان بارلىق مەۋجۇداتلارغا مەنسۇپتۇر"

3.خۇدانى سېغىنىشقا ھەر كۈنى ۋاقىت ئاجرىتىش مۇھىمدۇر.

ھەر كۈنى خۇدا ئۈچۈن ۋاقىت ئاجرىتىش مۇھىمدۇر، بەزىلەر بۇنى " ئۇيلىنىدىغان ۋاقىت " دىيىشسە يەنە بەزىلەر " ئېتىقات " دەپ ئاتىشىدۇ،چۈنكى بۇ ۋاقىتلار بىزنىڭ ئۆزىمىزنى خۇداغا بېغىشلىغان ۋاقىتلىرىمىز ھىساپلىنىدۇ، بەزىلەر بۇ ۋاقتنى ئەتىگەندە ئاجرىتىدۇ يەنە بەزىلەر بولسا ئۆزلىرىنىڭ كەچلىك ۋاقىتلىرىنى ئاجرىتىدۇ، بىزنىڭ بۇ خىل ۋاقىتلارنى نىمە دەپ ئاتىشىمىز ۋە ياكى بۇ ۋاقىتلارنى قانداق بەلگىلىشىمىز مۇھىم ئەمەس، مۇھىم بولغىنى خۇدانى دائىم سېغىنىپ تۇرۇش. خۇدانى قانداق سېغىنىش كېرەك؟

(ئا) ئىبادەت قىلىش. ئىبادەت قىلىش خۇدا بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشتۇر.خۇداغا ئۆزىمىزنىڭ دەردىنى ئىيتايلى،خۇدانىڭ بىزگە يول كۆرسۈتىشىنى سورايلى،خۇدادىن ئۆزىمىزنىڭ تىلىگەنلىرىنى سورايلى، خۇداغا ئۆزىمىزنىڭ تەشەككۈرىنى بىلدۈرەيلى مانا بۇ ئىبادەتتۇر.

(ب) ئىنجىل ئۇقۇش. ئىنجىلنى چېركوۋدا، يەكشەنبىلىك مەكتەپتە ئۈگەنگەندىن باشقا بىز يەنە ئىنجىلنى ئۆزلۈگىمىزدىن ئۈگۈنىشىمىز كېرەك. ئىنجىلدا كۆڭۈلدىكىدەك خىرىستىيانچە ھايات تەلەپ قىلىدىغان ھەممە نەرسە يەنى خۇدانىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بويىچە توغرا قارارنى قانداق چىقىرىش،خۇدانىڭ ئىرادىسىنى قانداق قىلىپ بىلىپ تۇرۇش، باشقىلارغا قانداق ۋەزى ئىيتىش، روھىي جەھەتتە قانداق مۇكەممەللىشىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بار. ئىنجىل خۇدانىڭ بىزگە قىلغان سۆزلىرىدۇر. ئىنجىل خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە قانداق ياشاش توغرىسىدىكى خۇدانىڭ كۆرسەتمىسى بۇلۇپ ئۇ خۇدانى ۋە بىزنى مەنمۇن قىلىدۇ.

4. بىزگە روھى جەھەتتىن ياردەم قىلالايدىغان ئادەملەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

كورىنتلىقلارنىڭ 1-چىسى 15:33 بىزگە " باشقىلا تەرىپىدىن ئىزىقتۇرۇلماڭلار، يامانغا يولۇقساڭ يارىسى يوقىدۇ" دەيدۇ، ئىنجىلدا" يامان " ئادەملەرنىڭ بىزگە بولىدىغان تەسىرى توغرىسىدا نۇرغۇن ئاگاھلاندۇرۇشلار بار،گۇناھ ئۆتكۈزىۋاتقانلار بىلەن بىللە يۈرسەك ئۇلارنىڭ ئىش- ھەركەتلىرى بىزگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئۇلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايمىزر، شۇڭلاشقىمۇ خۇدانى سۈيىدىغان كىشىلەرنىڭ ئەتراپىمىزدە بۇلۇشى ئىنتايىن مۇھىمدۇر

چىركوۋىمىزدىن بىر ياكى ئىككى بىزگە ياردەم قىلالايدىغان ، بىزنى رىغبەتلەندۈرىدىغان دوست تاپايلى ( يەھۇدىلار 3:13، 10:24) ۋە شۇ دوستىمىزدىن بىزنىڭ ئىبادەتلىرىمىزنى، بىزنىڭ پائالىيەتلىرىمىزگە بىزنىڭ خۇدا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزگە ھەمدەمدە بۇلۇشىنى سورايلى، ئەگەر ئۇلار بىزدىن ياردەم سورىسا ئۇلارغىمۇ ياردەم بېرەيلى بۇنداق دىگەنلىك ئەيسانى تونۇمايدىغان دوستلىرىمىزدىن ئالاقىنى ئۈزۈش دىگەنلىك ئەمەس، ئۇلار بىلەن داۋانلىق دوست بولۇپ ئۆتەيلى ئۇلارنى سۆيەيلى پەقەت ئۇلارغا ئەيسانىڭ بىزنىڭ ھاياتىمىزنى ئۆزگەرتكەنلىگىنى بىزنىڭ بۇرۇنقىغا ئۇخشىمايدىغانلىغىمىزنى ئۇختۇرۇپ قويايلى خۇدادىن ئەيسا توغرۇلۇق بۇ دوستلىرىمىز بىلەن بىر پىكىردە بۇلۇش پۇرسىتى بېرىشىنى تىلەيلى

5. يۇيۇندۇرۇلۇش.

نۇرغۇن كىشىلەر يۇيۇندۇرۇلۇشنى خاتا چۈشىنىۋالغان " يۇيۇندۇرۇلۇش" دىگەنلىك سۇغا چۆمكۈش دىگەنلىكتۇر. يۇيۇندۇرۇلۇش- بىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ ئەيساغا بولغان يىڭى ئېتىقاتىنى ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىدىغانلىغىمىزنى ئاشكارە جاكارلايدىغان قەدىمقى بىر خىل ئۇسۇلدۇر. سۇدا شۇڭغۇشنىڭ مەنىسى ئەيسا بىلەن بىللە دەپىن قىلىنغانلىغىمىزنىڭ سىمۋولىدۇر سۇدىن بېشىمىزنى كۆتىرىشىمىزنىڭ مەنىسى ئەيسانىڭ قايتا تىرىلگەنلىگىنىڭ سىمۋولىدۇر . يۇيۇندۇرۇلۇش بىزنىڭ ئۆزىمىزنى ئەيسانىڭ شىھىت بۇلۇشى، دەپنە قىلىنىشى، ۋە قايتىدىن تىرىلىشى بىلەن ئۆزىمىزنى باغلىغانلىغىمىزنىڭ سىمۋۇلىدۇر

يۇيۇندۇرۇلۇش بىزنى قۇتقۇتزۇپ قالالمايدۇ، يۇيۇندۇرۇلۇش بىلەن بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز يۇيۇلۇپ كەتمەيدۇ، يۇيۇندۇرۇلۇشنىڭ ئۆزى ئەيسانىڭ قۇتقۇزغۇچى ئىكەنلىگىگە بولغان ئېتىقاتىمىزنى جامائەتكە ئېلان قىلىشتىكى بىر ئاددى قەدەمدۇر. يۇيۇندۇرۇلۇش مۇھىمدۇر چۈنكى ئۇ بىزنىڭ ئەيساغا بولغا ئېتىقاتىمىزنى، ئۇنىڭغا بولغان ساداقەتلىگىمىزنى جامائەتكە ئېلان قىلىشىمىزدۇر، ئەگەر بىز يۇيۇندۇرۇلۇشنى ئۇلاشقان بولساق بىز چوقۇم پوپ بىلەن بۇ توغرىسىدا سۆزلىشىمىز كېرەك

English



ئۇيغۇرچە تور بەتكە قايتىش

مەن ئەيسانى قوبۇل قىلدىم.... ئەمدىلىكتە نىمە قىلىشىم كېرەك؟
Facebook icon Twitter icon Pinterest icon Email icon
© Copyright Got Questions Ministries