settings icon
share icon
سۇئال

قانداق قىلغاندا خۇدانىڭ كەچۈرىمىگە ئېرىشەلەيمەن؟

جاۋابى:


ۋەھى13:38دە " شۇڭا قېرىندىشىم،ئەيسا ئارقىلىق گۇناھنى كەچۈرۋېتىش سىزگە ئۇختۇرۇلدى"

كەچۈرۇم قىلىش دىگەن نىمە؟

"كەچۈرۈش"ھەممىنى باشقىدىن باشلاش،ئەپۇ قىلىۋېتىش، ئۆتكەن ئىشلارنى ئۇنتۇپ كېتىش دىگەنلىكتۇر بىز باشقىلارنى رەنجىتكەندە ئۇلارنىڭ بىزنى كەچۈرىۋېتىشىنى مۇناسىۋىتىمىزنىڭ ئەسلىگە كېشىنى ئۈمۈت قىلىمىز،كەچۈرىۋېتىش تەبئى يۈز بېرىپ قالمايدۇ،ھىچكىممۇ كەچۈرىۋېتىشكە چوقۇم تىگىشلىك دەپ قارالمايدۇ، كەچۈرىۋېتىش مۇھەببەتتىن، مىھرى – شەپقەتتىن ، ياخشىلىقتىن بولىدۇ، كەچۈرۈشېتىشتە باشقىلارغا قارشى تۇرۇش بولمايدۇ گەرچە باشقىلار بىزگە نۇرغۇن قىلغۇلۇقلارنى قىلغان بولسىمۇ.

ئىنجىل بىزگە بىز ھەممىمىز گۇناھكار بولغاچقا خۇدانىڭ كەچۈرىمىگە مۇھتاج ئىكەنلىگىمىزنى سۆزلەپ بېرىدۇ ئەڧەسلىكلەر7:20 دە " دۇنيادا ھىچقاچان خاتالىشىپ باقمىغان ئادەم بولمايدۇ" دىيىلگەن يوھاننانىڭ 1- نىڭ1:8 دە" ئەگەر بىز ئۆزىمىزنى گۇناسىز دەپ ھىساپلىساق بىز ئۆزىمىزنى ئالدىغان بولىمىز ھەقىقەتتىن يىراقلاشقان بولىمىز " دىيىلگەن. ھەممە گۇناھلار ئاخىرىدا كېلىپ خۇدانىڭ ئىرادىسىغا قارشى تۇرىدۇ ( مۇناجات 51:4) نەتىجىدە بىز خۇدانىڭ كەچۈرۈم قىلىۋېتىشىگە مۇھتاج بولىمىز، ئەگەر بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز كەچۈرۋېتىلمىسە بىز ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىمىزنىڭ دەردىنى مەڭگۈ تارتىمىز(مەتتا25:46؛ يوھاننا 3:36).

قانداق قىلغاندا كەچۈرۈم قىلىنىمەن؟

خۇدا مىھرى –شەپقەتكە ۋە مۇھەببەتكە تولغان بولغاچقا بىزنى كەچۈرۈۋېتىشكە ئىنتىزاردۇر، پېترۇسنىڭ 2-سىنىڭ 3:9 بىزگە"ئۇ ساڭا سەۋرىچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ، ئۇ ھىچكىمنىڭ غايىپ بۇلۇشىنى خالىمايدۇ بەلكى ھەممىنىڭ توۋا قىلىشىنى كۈتىدۇر" دىيىلگەن. خۇدا بىزنى كەچۈرۈم قىلىۋېتىشنى خالايدۇ شۇڭلاشقىمۇ ئۇ بىزنى كەچۈرۈم قىلىۋېتىدۇ.

بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزغا بېرىلگەن بىردىن-بىر جازا پەقەت ئۆلۈمدۇر. رىملىقلار6:23 نىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا "گۇناھنىڭ ئېرىشىدىغىنى ئۆلۈمدۇر..."دىيىلگەن، ئۆلۈم بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزغا بېرىلگەن تېگىشلىك نەتىجىدۇر. خۇدا ئۆزىنىڭ پىلانىدا ئادەمگە يەنى ئەيساغا ئايلانغان، ئەيسا ( يوھاننا1:1،14) بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن كىرىسقا مىقلىنىپ بىز ئۈچۈن شېھىت بولغان. كورىنلىقلارنىڭ 2-سىنىڭ 5:21 بىزگە" خۇدا ئۇنى گۇناھسىز ياراتتى، ئۇ بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان شۇڭلاشقىمۇ بىز خۇداغا چوقۇم تەقۋادار بۇلۇشىمىز كېرەك" ئەيسانىڭ شىھىت بۇلۇشى بىلەن پۈتۈن دۇنيادىكى گۇناھلار كەچۈرۈم قىلىنىۋېتىلدى. يوھاننانىڭ 1-سىنىڭ 2:2 دە" ئۇ بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن قۇربان بەردى بىزنىڭلا ئەمەس بەلكى پۈتۈن ئىنسانلانىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈن قۇربان بەردى" دىيىلگەن. ئەيسا ئۆلگەن يېرىدىن قايتا تىرىلىپ ئۆلۇم ۋە گۇناھ ئۈستىدىن غالىپ كەلدى( كورىنلىقلار 1- 15:1-28). خۇدانى ئەيسانىڭ قايتا تىرىلىشى قاتارلىق مۆجىزىلەردىن ئىلھام ئېلىپ مەدھىلەيلى،رىملىقلارنىڭ 2- بولۇمى 6:23 ھەقىقەتتۇر ئۇنىڭدا:" ....خۇدانىڭ سوغىسى بولغان مەڭگۈلىك ھايات ئەيسا مەھلىس ئارقىلىق بىزگە بېرىلگەن.

ئەگەر بىز گۇناھلىرىمىزنىڭ كەچۈرۋېتىلىشىنى ئۈمۈت قىلساق ۋە ئۆتكۇزگەن گۇناھلىرىمىز بىزنى ئازاپلاۋاتقان بولسا ئەيسا مەھلىسنى بىزنىڭ قۇتقۇزغۇچىمىز دەپ ھىساپلاپ ئۇنىڭغا ئىشەنسەك گۇناھلىرىمىز كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. ئەڧەسلىكلەر1:7 دە" خۇدانىڭ مىھرى – شەپقىتى بىلەن بىز ئەيسانىڭ ئىسسىق قېنى بىلەن قۇتقۇزىۋېلىنغان " دىيىلگەن، بىزنىڭ ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن ئەيسا بىزنى قۇتقۇزۇش يولىدا بەدەل تولىگەن شۇڭلاشقىمۇ بىز كەچۈرۈم قىلىنغانمىز يەنى خۇدا بىزنى كەچۈرگەندۇر. يوھاننا 17-16: 3 دە مۇنداق بىر ئاپزاس بار " خۇدا ھەممىمىزنى سۆيىدۇ، ئۇ ئۆز ئۇغلىغىغا ئىشەنگەنلەرگە مەڭگۈلۈك ھايات ئاتا قىلىدۇ، خۇدا .ئۆز ئۇغلىنى بۇ دۇنيانى ئەيىپلەشكە ئەمەس بەلكى بۇ دۇنيانى ئۇ ئارقىلىق قۇتقۇزۇشقا ئەۋەتكەندۇر.

كەچۈرۈم قىلىنىش ئەنە شۇنداق ئاسانمۇ؟

شۇنداق كەچۈرۈم قىلىنىش تەس ئەمەس! كەچۈرۈم قىلىنىشنى تىرىشىپ خۇدادىن ئېرىشكىلى ۋە ياكى خۇدادىن سېتىۋالغىلى بولمايدۇ ئۇنىڭغا پەقەت ئېتىقات ئارقىلىق خۇدانىڭ مىھرى- شەپقىتى ۋە رەھمي ئارقىلىق ئېرىشكىلى بولىدۇ، ئەگەر سەن ئەيسانىڭ سېنىڭ قۇتقازغۇچى ئىكەنلىگىڭنى ئېتىراپ قىلساڭ قۇتقۇزىۋېلىشقا ئېرىشىسەن، توۋەندىكى دۇئا ۋە ھەرقانداق دۇئا سېنى قۇتقۇزالمايدۇ سەن پەقەت ئەيساغا ئىشىنىش ئارقىلق كەچۈرىۋېتىلىسەن بۇ دۇئا پەقەت سېنىڭ خۇداغا بولغان ئېتىقاتىڭنى بىلدۈرۈش خۇدانىڭ سېنى كەچۈرۈم قىلغانلىغىغا تەشەككۈر ئىيتىش ئۈچۈن ئوقۇلىدىغان دۇئادۇر. " ئىھ خۇدا ئالدىڭدا گۇناھكارمەن ۋە جازاغا تىگىشلىكمەن لېكىن ئەيسا مەن ئۈچۈن جازالاندى مەن ساڭا ئىشەنسەم كەچۈرۈم قىلىنىدىغانلىغىمنى بىلىمەن، مەن سېنىڭ بىزنى قۇتقۇزىدىغانلىغىڭغا ئىشىنىمەن، سېنىڭ مىھرى – شەپقىتىڭگە ۋە بىزنى كەچۈرگىنىڭگە رەخمەت! ئامىن!"

بۇ يەردىكى ماقالىلارنى ئوقۇپ ئەيسا توغرىسىدا بىرەر قارارغا كەلدىڭىزمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا " بۇگۈن مەن ئەيسانى قوبۇل قىلدىم " دىگەن يەرنى چېكىڭ

English



ئۇيغۇرچە تور بەتكە قايتىش

قانداق قىلغاندا خۇدانىڭ كەچۈرىمىگە ئېرىشەلەيمەن؟
Facebook icon Twitter icon Pinterest icon Email icon
© Copyright Got Questions Ministries