settings icon
share icon
سۇئال

ئەيسا كىم؟

جاۋابى:


" خۇدا بارمۇ؟ " دىگەن سۇئالغا قارىغاندا پەقەت بىر قىسىم كىشىلەرلا ئەيسانىڭ مەۋجۇت بولغان- بولمىغانلىغى توغرىسىدا سۇئال سورايدۇ.ئەيسانىڭ 2000 يىلدىن بۇرۇن ئىسرائىلىيەدىكى بىر ھەقىقى ئادەم ئىكەنلىگىنى ھەممە ئېتىراپ قىلىدۇ، بۇ يەردىكى مۇنازىرە ئەيسانىڭ زادى كىم ئىكەنلىگىدە، ئاساسلىق دىنلارنىڭ ھەممىسىدە ئەيسا پەيغەمبەر، ياراملىق ئوقۇتقۇچى، خۇدادەك ئادەم دەپ تەسۋېرلىنىدۇ لىكىن ئىنجىل بىزگە ئەيسانىڭ پەيغەمبەر، لاياقەتلىك ئوقۇتقۇچى، ۋە خۇدادەك ئادەمدىنمۇ يوقۇرى تۇرىدىغانلىغىنى بىلدۈرىدۇ

س.ئېس لېۋىس ئۆزىنىڭ "پەقەتلا خىرىستىيانلىق" دىگەن كىتاۋىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ: " مەن بۇ يەردە باشقىلانىڭ ئەيسا توغرىسىدىكى ھەرخىل ئەخمىقانە قاراشلىرىدىن ساقلانماقچىمەن، بەزىلەر ئەيسانى' مەن ئەيسانى بىر ئۇلۇغ مەنىۋى ئۇقۇتقۇچى قاتارىدا قوبۇل قىلىمەن لېكىن ئۇنىڭ ئۆزىنى خۇدا دەپ ئاتىشىنى قوبۇل قىلالمايمەن' دەيدۇ، ،مانا بۇ بىز تەبىر قىلىدىغان قاراشتۇر، ئەيسانى بەلكىم كالىسىدىن كېتىپ قالغان ساراڭ، ئەزرائىل ۋە ياكى خۇدانىڭ ئۇغلى دەپ چۈشۈنىشكە بولىدۇ، ئۇنىڭ يۈزلىرىگە تۈكۈرسىڭىز، ئۇنى ساراڭ دىسىڭىز،ئۇنى ئالۋاستى كۆرۈپ ئۆلتۈرىۋەتسىڭىز ياكى ئۇنى خۇدانىڭ ئۇغلى دەپ ئېتىراپ قىلىپ ئۇنىڭ ئايىغىغا باش قويسىڭىز كېرەك يوقتۇر لېكىن ئۇنى مەنسىتمىگەن ھالدا ئەيسانى ئىقتىدارلىق ئوقۇتقۇچى دەپ ئاتاش بىر ئەخمەقانىلىقتۇر، ئەيسا بىزگە بۇ خىل ئىمكانىيەتنى قالدۇرمىغان.

ئۇنداقتا ئەيسا كىم؟ ئىنجىلدا ئەيسا نىمە دىيىلگەن؟ ئالدى بىلەن ئەيسانىڭ يوھاننا 10:30 دىكى سۆزلىرىگە قاراپ باقايلى، " مەن ۋە خۇدا بىردۇر" كۆرۈنۈشتە ئەيسا ئۆزىنى خۇدا دەپ ئاتىغاندەك قىلىدۇ ئەمدى يەھۇدىلارنىڭ ئەيسانىڭ ئۆزىنى خۇدا دەپ ئاتىشىغا بولغان ئىنكاسىنى كۆرۈپ باقايلى،" بىزنىڭ ئەيسانى چالما كېسەك قىلماقچى بولغان مەخسىتىمىز ئۇنىڭ ئۆزىنى خۇدا دەپ جاكارلاپ خۇداغا شەك كەلتۈرگەنلىگىدىندۇر" ( يوھاننا 10:33) يەھۇدىلار ئەيسانىڭ ئۆزىنى خۇدا دەپ جاكارلىشىنى چۈشەنگەن تۆۋەندىكى قۇرلاردىمۇ ئەيسا " مەن ئۆزەمنى خۇدا دەپ جاكارلىمىدىم " دەپ ئۆزىنى ئىنكار قىلمىغان بۇنىڭدىن ئەيسانىڭ ئۆزىنى راستىنلا خۇدا دەپ جاكارلىغانلىغى چىقىپ تۇرۇپتۇ، " مەن ۋە خۇدا بىردۇر" (يوھاننا 10:30) ، يوھاننا 8:58 يەنە بىر مىسالدۇر: " سىلەرگە ھەقىقەتنى سۆزلەيمەن" دەيدۇ ئەيسا " ئىبراھىم تۇغۇلۇشنىڭ ئالدىدىلا مەن شۇنداقتىم" يەھۇدىلار ئۇنىڭ گەپلىرىگە ئۇنىڭغا تاش ئېتىپ جاۋاپ قايتۇرماقچى بولىدۇ ( يوھاننا 8:59) . ئەيسانىڭ ئۆزىنى " مەن شۇنداقتىم" دىيىشى تەۋراتتا خۇدانى شۇنداق ئاتاشتىىن ئېلىنغاندۇر ( مىسىردىن چىقىش 3:14)يەھۇدىلار نىمە ئۈچۈن ئەيسانى خۇداغا شەك كەلتۈردى، ئۆزىنى خۇدا دەپ ئاتىدى دەپ ئۇنى چالما كېسەك قىلماقچى بولىدۇ؟

يوھاننا 1:1 دە " نەپەس خۇدادۇر" دىيىلگەن، يوھاننا 1:14 دە " نەپەس بەدەندىن كەلگەن " دىگەن گەپ بار، بۇنىڭدىن بىز ئەيسانىڭ ئادەم سىياقىدىكى خۇدا ئىكەنلىگىنى بىلىۋالالايمىز، مۇرىت توماس ئەيساغا " مېنىڭ ئىلاھىم ۋە مېنىڭ خۇدايىم" ( يوھاننا 20:28) دىگەندە ئەيسا ئۇنىڭغا تۈزۈتۈش بەرمەيدۇ، مۇرىت پوۇل ئەيسانى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ: "....خۇداھىمىز، نىجاتكار ئەيسا" ( پىتىرنىڭ 2-چىسى 1:1) خۇدامۇ ئەيسانىڭ كىملىگىنى ئېنىق تۇنىغان، خۇدا ئەيسا توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ " سېنىڭ تەختىڭ مەڭگۈلۈكتۇر، تەقۋادارلىق سېنىڭ خانلىغىڭدۇر". ئەيسا ئۆزىنىڭ خۇدا ئىكەنلىگىنى ئېلان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ " بىزگە بۇ بالا تۇغۇلغان ۋە بېرىلگەن بۇ بالا ئاجايىپ مەسلىھەتچى، خۇدا، مەڭگۈلۈك ئاتا، تىنچلىق شاھزادىسى دەپ ئاتىلىشى مۈمكىن (ئايزىك 9:6)

يىغىپ ئىيتقاندا س. ئېس لېۋىس ئەيسانى لاياقەتلىك ئوقۇتقۇچى دەپ ئاتاشنى رەت قىلىدۇ. ئەيسا مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان خۇدادۇر.ئەگەر ئۇ خۇدا بولمىسا ئۇنداقتا ئۇ كاززاپ بولۇشى پەيغەمبەر، لاياقەتلىق ئۇقۇتقۇچى ۋە ياكى خۇدادەك ئادەم بولماسلىغى مۈمكىن . ھازىرقى زامان مۇتەخەسىسلىرى " ھەقىقى، تارىخى ئەيسا" نى يورۇتۇپ بېرىشتە ئىنجىلدىكى ئەيسا توغرىلىق چۈشەنچىلەرنى كۆپ سۆزلەپ كەتمىگەن ، خۇدانىڭ ئەيسا توغرىسىدىكى سۆزلىرىدىن گۇمانلىنىدىغان بىز زادى كىم ؟ قانداق قىلىپ 2000 يىلدىن كىيىنكى " مۇتەخەسىسىلەر " قانداقسىگە ئەيسا توغرىسىدا ئەيسا بىلەن بىللە ياشىغان، بىللە مۇلازىمەت قىلغان، ۋە ئەيسانىڭ تەلىمىنى ئالغانلار كىشىلەردىن ياخشىراق ئەيسانى بىلىدۇ؟ ( يوھاننا 14:26)

ئەيسانىڭ كىملىگى توغرىسىدىكى سۇئال نىمە ئۈچۈن شۇ قەدەر مۇھىم؟ ئەيسانىڭ خۇدالىغى ۋە ياكى خۇدا ئەمەسلىگى مۇھىممۇ؟ ئەيسانىڭ خۇدالىغىدىكى يەنە بىر سەۋەپ شۇكى ئەگەر ئەيسا خۇدا بولمىسا ئۇنىڭ شىھىت بۇلۇشى بىلەن پۈتۈن دۇنيادىكى گۇناھلارنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشىغا كۇپايە بولمىغان بولار ئىدى( يوھاننىڭ 1- چىسى 2:2). پەقەت خۇدالا مۇشۇنداق بەدەل تولەلەيدۇ ( رىملىقلار 5:8؛ كورىنتلىقلار 5:21).ئەيسا خۇدا بولغاچقا بىز ئۈچۈن بەدەل تۆلىگەن، ئەگەر ئەيسا ئىنسان بولغان بولسا ئۇ ئۆلگەن بولار ئىدى، قۇتقۇزۇۋېلىنىش پەقەت ئەيساغا بولغان ئېتىقات ئارقىلىقلا بولىدۇ، ئەيسانىڭ خۇدالىغى پەقەت ئۇنىڭلا قۇتقۇزالايدىغانلىغىنى كۆرتىسىدۇ.ئەيسانىڭ خۇدالىغى توغرىسىدا ئەيسا مۇنداق دەيدۇ،" مەن ھەقىقەت يولى، مەن ھاياتلىقتۇرمەن، مېنىڭسىز ھىچكىم خۇدانى سېغىنالمايدۇ.

English



ئۇيغۇرچە تور بەتكە قايتىش

ئەيسا كىم؟
Facebook icon Twitter icon Pinterest icon Email icon
© Copyright Got Questions Ministries